ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟


«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ئىستىھازە قېنى كۆردى. بۇنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىشنى بۇيرۇپ «بۇ تومۇردىن كەلگەن قان» دېدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلاتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 327-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: ... بىراق، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر قانائەتكە تايىنىپ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلشنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇشنى بۇيرۇدى. بىراق، ئۇ ھەر ناماز ئۈچۈن نەپلە سۈپىتىدە غۇسل قىلدى.» لەيس ئىبنى سەئد مۇسلىمدىكى رىۋايەتتە يۇقارقىغا ئوخشاش كۆز قاراشنى تاللىغان:«ئىبنى شىھاب رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممۇ ھەبىبەگە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشنى بۇيرىغىنىنى تىلغا ئالمىغان. ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىش ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئۆزى خالاپ قىلغان ئىشىدۇر.» كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ بۇ ھەقتە يۇقارقى كۆز قاراشتا.
كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە: ئىستىھازە قېنىنى كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشى كېرەك ئەمەس. بىراق، خالىسا ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلسا بولىدۇ (بۇنداق قىلىش مۇستەھەپ). ئىستىھازە قېنىنى كۆرگەن ئايالغا پەرز بولغىنى ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشتۇر. (ئىمام ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى» 1\546)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: بۇ ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەر ناماز ۋاقتى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىمام شافىي، ئەبۇ سەۋر ۋە رەي ئەسھابى (يەنى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى) نىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ خۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «... ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئال» دەپ بۇيرۇغان. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، بۇخارى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان) (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\182)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شۇكى- غۇسل ھەيزدىن پاكلانغاندا كېرەك بولىدۇ. (ھەيز ۋە نىفاستىن سىرتقى) باشقا ھالەتلەردە (كەلگەن قان ئۈچۈن) ھەر نامازدا تاھارەت ئالىدۇ. بۇنىڭا ئائىت دەلىللەر بار . بەزى ھەدىسلەردە ئورۇن ئالغان «غۇس قىلىش بۇيرۇقى» ۋاجىپ (پەرز) لىكنى ئەمەس، مۇستھەپلىكنى بىلدۈرىدۇ. (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\183)
ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» دا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن (شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):
«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام» دىكى 137-نومۇرلۇق ھەدىسننىڭ «پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن» دېگەن بۆلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇندا ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)
ئىستىھازىلىك ئايالنىڭ ھەر نامازدا يۇيۇنىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئىكرىمە، رەبىئە، ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بار. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئىختىلاپتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر نامازدا غۇسل قىلىشنى تېخىمۇ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. («ئەلمۇغنى» 1\182،183-بەتلەر)
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: (ئىستىھازە ئايالنىڭ) ھەر نامازدا بىر قېتىم تاھارەت ئېلىشى يېتەرلىك، بۇ ئەمەل جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن چەك بولۇپ، ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشى يېتەرلىك.(«ئەلمۇغنى» 1\184)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىسا بولامدۇ؟